吐峪沟景区春节假期游客量翻倍
吐峪沟景区春节假期游客量翻倍吐峪沟景区春节假期游客量翻倍 باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە تۇيۇق مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر ھەسسىلەپ ئاشتى تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مەلىكە غوپۇر، جۈرئەت قاسىم) كاتتا باھار بايرىمىدا، پىچان ناھىيەسىنىڭ تۇيۇق مەنزىرە رايونى ئات يىلىدىكى مەدەنىيەت ـ ساياھەتتە «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلىدى». ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنىدىن 23 ـ كۈنىگىچە، بۇ مەنزىرە رايونى جەمئىي 25 مىڭ 200 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %103.5 ئاشقان. 2 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، مۇخبىر مەنزىرە رايونىدىكى قەدىمىي كوچىنىڭ ساياھەتچىلەر بىلەن تولغانلىقىنى، ياشانغانلارنى يۆلەپ، بالىلىرىنى يېتىلەپ ماڭغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنى، ئۆزئارا ھەمراھ بولۇشۇپ ئۇياقتىن ـ بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرغان ياشلارنى كۆردى. كۆپچىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلىپ، خەلق ئۆرپ - ئادىتى بىلەن باھار بايرىمى كەيپىياتى ئىچىدە دەم ئېلىشتىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى. «تۇيۇقنىڭ مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ئاساسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئادىمىيەت خاسلىقىمۇ بار ئىكەن.» ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى ۋاڭ شۆئېر مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھېس قىلىشلار ئۆزگىچە بولۇپ، بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزنىڭ ئەھمىيىتى زور بولدى. ساياھەت تەسىراتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بېلەت ئىشلىرىنى ئالدىن كېلىشىش، ئاپتوموبىل توختىتىشنى يېتەكلەش، ساياھەت چۈشەندۈرۈشى ھەم بىخەتەرلىك بويىچە چارلاپ قوغداش قاتارلىق مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇردى. چۆكۈش شەكلىدىكى باھار بايرىمى تۈسى مەنزىرىسى ۋە يورۇتۇش كەيپىياتىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىپ، قەدىمىي كەنتتە چۇنليەن ئىزدەش، خەلق ئۆرپ - ئادەت توي مۇراسىمى ھەم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. «يېڭى بىر يىلدا، بىز مۇلازىمەت سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ خەلق ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى ۋە چۆكۈش شەكلىدىكى ھېس قىلىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇيۇق مەنزىرە رايونىغا كېلىپ سەيلە قىلىپ، مىڭ يىللىق قەدىمىي كەنتنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشىنى قارشى ئالىمىز» دېدى تۇيۇق مەنزىرە رايونىنىڭ خىزمەتچىسى پاتىمە مەمەت. 

来源:吐鲁番市融媒体中心
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:买尔艳古力·热西提



相关文章
发表评论
评论列表
- 这篇文章还没有收到评论,赶紧来抢沙发吧~